مۇھىم خەۋەرلەر
1.06K subscribers
2.38K photos
1.28K videos
3 files
4.02K links
مۇھىم خەۋەرلەر يوللىنىدۇ.
Download Telegram
مۇھىم خەۋەرلەر
تېسسىتنىڭ تىنچ يول بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئېيتىلماقتا ​⚫️🇷🇺🇲🇱 بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تېسسىت (Tessit) شەھىرى رۇسىيەنىڭ «ئافرىقا كورپۇسى» ۋە مالى ئارمىيىسى تەرىپىدىن FLA (ئازاۋاد ئازادلىق فرونتى) ۋە JNIM (نۇسرەتۇل ئىسلام ۋەلمۇسلىمىن) كوئالىتسىيىسىگە…
​📌 JNIM (نۇسرەتۇل ئىسلام ۋەلمۇسلىمىن) نىڭ باياناتى
​گۇرۇھ ئۆز باياناتىدا تۆۋەندىكىلەرنى ئېلان قىلدى:
​«ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بىلەن، تۇنجى قېتىم تېسسىت (گاو ۋىلايىتى)گە جايلاشقان مالى ئارمىيىسى بازىسىدىكى بارلىق ھەربىيلەر — قوماندانلار ۋە ئادەتتىكى ئەسكەرلەر — ئۆز قورال-ياراغلىرى بىلەن JNIM مۇجاھىدلىرىغا تەسلىم بولدى. بۇ جەريان ئۇلارغا بىخەتەرلىك كاپالىتى ۋە بىخەتەر چىقىپ كېتىش پۇرسىتى بېرىلىشى بەدىلىگە ئەمەلگە ئاشتى.
​بۇ قەدەم گۇرۇھىمىزنىڭ توقۇنۇشتىن چەتتە تۇرۇشنى خالايدىغان بارلىق شەخسلەرنى قوللاش، شۇنداقلا بىزگە قارشى چىقمىغانلارغا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك سۇنۇش سىياسىتى دائىرىسىدە تاشلاندى.
​مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مالى ئارمىيىسىنىڭ باشقا رايونلاردىكى بارلىق ھەربىيلىرىنىمۇ تېسسىتتىكى ئەسكەرلەردىن ئۈلگە ئېلىشقا چاقىرىمىز. بۇ ئۇلارنىڭ شەخسىي بىخەتەرلىكى ۋە خاتىرجەم چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.»

https://t.me/muhimhawar
📌 مالىنىڭ ئېتنىك تەركىبى (2025)
​مالى نوپۇسى ھەر خىل ئېتنىك گۇرۇپپىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ نىسبىتى تۆۋەندىكىچە:
​بامبارا — 33%
​فۇلا — 13%
​سونىنكې — 10%
​سېنۇفو — 9%
​مالىنكې — 8.5%
​دوگون — 8.7%
​سونگاي — 6%
​تۇئارېگلار — 3.5%
​ماۋرلار — 2%
​بوزو — 1%
​بومۇ — 1%
​خاسونكې — 2%

https://t.me/muhimhawar
مۇھىم خەۋەرلەر
Photo
📌 مالىنىڭ ئېتنىك تەركىبى (2025)
​مالى نوپۇسى ھەر خىل ئېتنىك گۇرۇپپىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ نىسبىتى تۆۋەندىكىچە:
​بامبارا — 33%
​فۇلا — 13%
​سونىنكې — 10%
​سېنۇفو — 9%
​مالىنكې — 8.5%
​دوگون — 8.7%
​سونگاي — 6%
​تۇئارېگلار — 3.5%
​ماۋرلار — 2%
​بوزو — 1%
​بومۇ — 1%
​خاسونكې — 2%
​📌 بامبارا (Bambara) — 33%
​بامبارالار زامانىۋى مالى دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق تايانچى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار مەملىكەتتىكى ئەڭ چوڭ ئېتنىك گۇرۇپپا بولۇپ، ئارمىيە، ھاكىمىيەت ۋە ئىقتىسادىي مەركەزلەر ئۈستىدىن زور تەسىرگە ئىگە. ئاساسلىق مەركىزىي ۋە جەنۇبىي غەربىي رايونلاردا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
​ئۇلارنىڭ تىلى ئەمەلىيەتتە پۈتۈن مەملىكەتتە كەڭ قوللىنىلىدۇ. بامبارالارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئانىمىزىم (تەبىئەتكە چوقۇنۇش) غا ئەگىشىدىغانلارمۇ بار. شۇ سەۋەبتىن بەزى رايونلاردا ئىسلامىي ۋە ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلەر ئارىلىشىپ كەتكەن.
​ھازىرقى ھاكىمىيەتتىمۇ بامبارا ۋەكىللىرى كۆپ بولۇپ، جۈملىدىن پىرېزىدېنت ئاسسىمى گويتا (Assimi Goïta) مۇ شۇلارنىڭ بىرى. شۇڭا ئۇلار JNIM (نۇسرەتۇل ئىسلام ۋەلمۇسلىمىن) ۋە FLA غا قارشى كۈرەشتە ئەڭ سادىق گۇرۇپپىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
​📌 فۇلا (Fula) — 13%
​فۇلا خەلقى بامبارالارغا قارىمۇقارشى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەۋقەدە تۇرىدۇ. ئۇلار يېرىم كۆچمەن چارۋىچى خەلق بولۇپ، ئىسلامغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى بىلەن تونۇلغان.
​تارىختا ئۇلار رايوندا ئىسلامىي دۆلەتلەرنى قۇرغان ۋە مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى كۈرەش قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە مەركىزىي ھاكىمىيەت تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىش، يەر-زېمىن ماجىرالىرى ۋە ئارمىيەنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن، ئۇلار JNIM بىلەن ئىنتايىن يېقىن ئىتتىپاقداشلىق ئورناتقان.
​فۇلا نوپۇسى نىگېرىيە، نىگېر، بۇر كىنا-فاسو، بېنىن ۋە كامېروندىمۇ كەڭ تارقالغان.
​📌 سونىنكې (10%) | مالىنكې (8.5%)
​سونىنكېلار غەربىي ئافرىقىدىكى تۇنجى ئىسلاملاشقان خەلقلەرنىڭ بىرى بولۇپ، سودا ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ فرانسىيەدە چوڭ دىياسپوراسى (مۇھاجىرلار قوشۇنى) مەۋجۇت بولۇپ، پۇل ئەۋەتىش ئارقىلىق مالى ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
​مالىنكېلار بولسا مەنسۇ مۇسا (Mansa Musa) دەۋرىدىكى بۈيۈك ئىمپېرىيەنىڭ ۋارىسلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ۋە ئېغىزچە تارىخنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا يەتكۈزۈش ئەنئەنىسىگە ئىگە.
​📌 سېنۇفو (9%) | دوگون (8.7%)
​بۇ ئىككى خەلق ئاساسەن ئانىمىزىمغا ئەگىشىدۇ ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
​سېنۇفو خەلقى سىكاسسو رايونىدا — مەملىكەتنىڭ «ئاشلىق ئىسكىلاتى»دا ياشايدۇ، ئەمما سىياسىي جەھەتتىن چەتكە قېقىلغان. دوگونلار بولسا باندىئاگارا تاغلىق رايونلىرىدا ياشايدۇ.
​ئىككىلا گۇرۇپپا دىن (ئېتىقاد) ۋە يەر مەسىلىسى سەۋەبىدىن JNIM بىلەن زىددىيەتكە ئىگە.
​📌 سونگاي (Songhai) — 6%
​سونگايلار نىگېر دەرياسى بويىدا، ئاساسلىق گاو ۋە تىمبۇكتۇ رايونلىرىدا ياشايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى تارىخىي سونگاي ئىمپېرىيەسىنىڭ ۋارىسلىرى دەپ بىلىدۇ.
​ئاساسلىق مەشغۇلاتى — دېھقانچىلىق ۋە بېلىقچىلىق. ئۇلار تۇئارېگلار بىلەن تارىخىي رىقابەتكە ئىگە. سونگاي ۋەكىللىرى مالى ئارمىيىسىدىمۇ، JNIM تەركىبىدىمۇ ئۇچرايدۇ.
​📌 تۇئارېگلار (Tuareg) — 3.5%
​تۇئارېگلار — شىمالدا ياشايدىغان بەربەر كۆچمەنلىرىدۇر. ئۇلار كىدال، گاو ۋە تىمبۇكتۇ رايونلىرىدا، شۇنداقلا ئالجىرىيە، لىۋىيە ۋە نىگېردىمۇ ياشايدۇ.
​تارىختىن بۇيان مەركىزىي ھاكىمىيەتكە قارشى چىقىپ كەلگەن (1963، 1990، 2006، 2012-يىللىق قوزغىلاڭلار). ئۇلار ئىسلامغا قاتتىق ئېتىقاد قىلىدۇ ۋە سوپىزم ئەنئەنىلىرى كۈچلۈك.
​سىياسىي جەھەتتىن پارچىلانغان: بەزىلىرى JNIM نى قوللايدۇ، يەنە بەزىلىرى ئازاۋادتىكى مىللىي ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىدۇ.
​📌 ماۋرلار (Moors) — 2%
​ماۋرلار — مالىنىڭ شىمالىدا ياشايدىغان ئەرەب ئەسىللىق ئاھالىلەردۇر. ئۇلار سودا ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
​كۆپىنچە ھاللاردا تۇئارېگلار بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ ۋە مالى ھۆكۈمىتىگە قارشى كۈرەشكە قاتنىشىدۇ. ئۇلار JNIM ۋە ئازاۋاد ھەرىكەتلىرىدىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. شۇنداقلا، ماۋرلار ئالجىرىيە ۋە نىگېردىمۇ ياشايدۇ.

https://t.me/muhimhawar
❤2
This media is not supported in your browser
VIEW IN TELEGRAM
خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەيۋەن ھەققىدە:

«دۇنيادا پەقەت بىرلا خىتاي بار ، تەيۋەن خىتاي زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى.

ھېچكىم خىتاي بىرلىشىشىنى توسىيالمايدۇ.

بىرلىشىش مۇمكىنچىلىك ئەمەس ، مۇقەررەر رېئاللىق دەپ قارىلىدۇ.

تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى نىشان قىلغان بۆلگۈنچىلىك تىرىشچانلىقى بىھۇدە ۋە مەغلۇبىيەتكە مەھكۇم ».

تەھلىل: خىتاي تەيۋەننى ئىشغال قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ. بۇ جەريان ئالدى بىلەن كەسكىن بايانلار بىلەن باشلىنىپ ، ئاستا-ئاستا كىشىلەرنى بۇنداق ئەھۋالغا كۆندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

https://t.me/muhimhawar