بۇ ھېكايىنى يازغان بۇرادىرىم 38 ياشقىچە ساۋاتسىز ياشىغان ئىكەن
2023- يىلى ئۇيغۇر تىلىنى ئۈگۈنۈشكە بەل باغلاپ خۇددى كىچىك بالىدەك ا ب دىن باشلاپ ئۇقۇشقا باشلىدى 20 كۈن بولغاندا يازالايدىغان ۋە ئۇقىيالايدىغان بولۇپ تۇنجى ھاياتىدا مۇشۇ ھېكايىنى يازغان ئىدى
ئۇ بۇرادەر ئاجايىپ جاسارەتلىك ھېچكىمگە بوزەك بولمايدىغان تۈرمىدىكى دىنسىزلار بىلەن بولغان ھەرقانداق سۈركۈلۈشنى مۇش بىلەن ھەل قىلاتتى
ئۇ نۇرغۇن قېتىم مۇشلىشىپ يارلاندۇردى ۋە يارلانغان .
بىر نەچچە خىتتاينىڭ بۇرنىنىمۇ كېسىۋەتكەن ئىدى شۇنداق تۇرۇپ يەنە ئۇرۇشاتتى ھېچ قوقمايتتى ئىلىملىك ئادەمنى بەك ھورمەيتلەيتتى
ئاھ سۈيۈملۈك دوسلۇرۇم سىلەرنى سېغىندىم

😢52👍9❤4
رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ھەججەتۇل ۋىدا خۇتبىسى
«ئەي ئىنسانلار! سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار. مەن بىلمەيمەن، بەلكىم بۇ يىلدىن كېيىن بۇ جايدا سىلەر بىلەن قايتا ئۇچرىشالماسلىقىم مۇمكىن.
ئەي ئىنسانلار!
سىلەرنىڭ قېنىڭلار، مال-مۈلكىڭلار ۋە ئابرۇيۇڭلار، رەببىڭلار بىلەن ئۇچراشقانغا قەدەر، مۇشۇ كۈنىڭلارنىڭ، مۇشۇ ئېيىڭلارنىڭ ۋە مۇشۇ شەھىرىڭلارنىڭ ھۆرمىتىدەك بىر-بىرىڭلارغا ھۆرمەتلىكتۇر.
مەن يەتكۈزدۈممۇ؟
ئى ئاللاھ، گۇۋاھ بول!
كىمنىڭ قولىدا باشقىلارنىڭ ئامانىتى بولسا، ئۇنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرسۇن.
جاھىلىيەت دەۋرىدىكى جازانە-ئۆسۈملەرنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىندى. سىلەرگە پەقەت ئەسلى مال-مۈلكۈڭلار قالىدۇ. زۇلۇم قىلماڭلار ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىماڭلار.
بىرىنچى بولۇپ مەن بىكار قىلىدىغان جازانە — ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ جازانىسىدۇر. ئۇنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىندى.
جاھىلىيەت دەۋرىدىكى قان دەۋالىرىمۇ بىكار قىلىندى.
ئەي ئىنسانلار!
شەيتان سىلەرنىڭ بۇ زېمىنىڭلاردا ئۇنىڭغا قايتا ئىبادەت قىلىشىڭلاردىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. لېكىن سىلەر كىچىك دەپ قارىغان باشقا ئىشلاردا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇ بۇنىڭدىن رازى بولىدۇ. شۇڭا دىنىڭلارنى قوغداش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىڭلار.
ئەي ئىنسانلار!
ئاياللار ھەققىدە ئاللاھتىن قورقۇڭلار.
چۈنكى سىلەر ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى بىلەن ئالدىڭلار.
سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلار ئۈستىدە ھەققىڭلار بار، ئاياللىرىڭلارنىڭمۇ سىلەر ئۈستىدە ھەققى بار.
ئۇلارنىڭ سىلەر ئۈستىدىكى ھەققى — ئۇلارنى ياخشىلىق بىلەن يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك بىلەن تەمىنلىشىڭلاردۇر.
ئۇلارغا ياخشىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭلار.
ئەي ئىنسانلار!
سۆزۈمنى ياخشى ئاڭلاڭلار.
مەن سىلەرگە شۇنداق بىر نەرسىنى قالدۇردۇمكى، ئەگەر ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسىلساڭلار، مەندىن كېيىن ھەرگىز ئازمايسىلەر:
ئاللاھنىڭ كىتابى.
ئەي ئىنسانلار!
رەببىڭلار بىردۇر.
ئاتاڭلارمۇ بىردۇر.
ھەممىڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن، ئادەم بولسا تۇپراقتىن يارىتىلغان.
ئەرەبنىڭ ئەجەم ئۈستىدە، ئەجەمنىڭ ئەرەب ئۈستىدە؛ قىزىلنىڭ قارا ئۈستىدە، قارانىڭ قىزىل ئۈستىدە تەقۋادىن باشقا ئارتۇقچىلىقى يوقتۇر.
ئاللاھنىڭ نەزىرىدە سىلەرنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىكىڭلار — ئەڭ تەقۋادار بولغىنىڭلاردۇر.
مەن يەتكۈزدۈممۇ؟
كىشىلەر:
«ھەئە، رەسۇلۇللاھ ﷺ يەتكۈزدى» دېدى.
رەسۇلۇللاھ ﷺ:
«بۇ يەردە بولغانلار بۇ يەردە بولمىغانلارغا يەتكۈزسۇن. چۈنكى بۇ سۆز يەتكۈزۈلگەن بەزى كىشىلەر، ئۇنى بىۋاسىتە ئاڭلىغان كىشىلەردىنمۇ ياخشىراق چۈشىنىشى مۇمكىن.
مەندىن كېيىن بىر-بىرىڭلارنىڭ بوينىنى چېپىدىغان كۇپۇر ئەھلىگە ئوخشاپ كەتمەڭلار.
سىلەردىن مەن ھەققىدە سورالغاندا نېمە دەيسىلەر؟»
ساھابىلەر:
«بىز سىزنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزگەنلىكىڭىزگە، ۋەزىپىڭىزنى ئادا قىلغانلىقىڭىزغا ۋە ئۈممەتكە نەسىھەت قىلغانلىقىڭىزغا گۇۋاھلىق بېرىمىز» دېدى.
شۇنىڭدا رەسۇلۇللاھ ﷺ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، ئاندىن كىشىلەرگە قارىتىپ:
«ئى ئاللاھ! گۇۋاھ بول!
ئى ئاللاھ! گۇۋاھ بول!
ئى ئاللاھ! گۇۋاھ بول!»
دېدى.

😭31❤6😢6
Forwarded from نەزەر ئېكرانى
Media is too big
VIEW IN TELEGRAM
💥 تەشۋىقات ئۇرۇشى 1- قىسىم
🚨 دۈشمەننىڭ #تەشۋىقات ئۇرۇشىدىن ھەزەر قىلايلى
2026-08-13
🔗https://t.me/nazar0632

❤3
Forwarded from نەزەر ئېكرانى
Media is too big
VIEW IN TELEGRAM
💥 دۈشمەن ئىستىخباراتىدكى تەشۋىقات ئۇرۇشى
🎬 تەشۋىقات ئۇرۇشى 2-قىسىم
📍 بۇ قىسىمدىكى مۇھىم تىمىلار:
🔻 1. دۈشمەن ئىستىخباراتى تەشۋىقات ئۇرۇشىدا نېمىگە ھۇجۇم قىلىدۇ؟
🔻 2. دۈشمەن ئىستىخباراتى قانداق يوشۇرۇن ھالەتتە ھۇجۇم قىلىدۇ
🔻 3. رەقەملىك تەشۋىقات بوتلىرى
🔻 4. ئىچكى قىسىمدىن پىتنە سالغۇچىلارنى يىتىشتۈرۈش
🔻 5. ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى تاللاپ سىرتقا سىزىپ بىرىش
🚨 دۈشمەننىڭ #تەشۋىقات ئۇرۇشىدىن ھەزەر قىلايلى
🗓 2026-08-15

❤4
This media is not supported in your browser
VIEW IN TELEGRAM
سۆزلەش ئىقتىدارى بولمىغان بىر ياش يىگىتنىڭ، ئىشارەت تىلى بىلەن ناماز قىلۋاتقان ھالىتى بىزلەرگە ناھايىتى چوڭ دەئۋەت.
مانا بۇ ياشقا قاراپ، بەدەن ئەزالىرىمىز ساق تىلىمىز راۋان، ھالەتتە قۇرئانى كەرىمنىڭ مۇبارەك ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلالايدىغان تۇرۇپ، بەزىدە نامازغا سۇسلۇق قىلىپ قېلىشىمىز ، ۋە ياكى نامازلىرىمىزنى خۇشۇئسىز ئۇقۇپ تۈگۈتۈشلىرىمىزدىن خىجىل بولماي تۇرالمايمىز.
ئەي رەببىم بىزلەرنى نامازنى ياخشى كۆرگۈچى بەندىلىرىڭ قاتارىدىن قىل...!
بەدىر روھى قانىلى
بەدىر روھى ئىماننىڭ ۋە جەڭگىۋارلىقنىڭ روھىدۇر
https://t.me/bedirrohi

👍20😢17❤2
قېتىپ كەتكەن زېكىرسىز دىللار،
ئويلاپ قالدىم قېنى ئۆتمۈشلەر؟.
شۇ كۈنلەرنى سېغىنىش بىلەن،
دىلدا پىغان ھەمدە كۈتۈشلەر.
ئۆتەر ئىدى تۈمەن كېچىلەر،
يىغلاپ دائىم تىلەپ شاھادەت.
قاچان بىزگە «ئۈلۈم» كېلەر دەپ،
ئۈمۈد قىلىپ گۈزەل سائادەت.
بۈگۈن پاتتۇق دۇنيا لېيىغا،
كۈندە، كۈندە چۆكۈپ تىگىگە.
كەڭرى ئاچتى ئۇمۇ قۇچاقنى،
تاتىپ، شۇراپ بىزنى ئىچىگە.
ئويلىمغان ئۆتمۈشتە بۇنى،
بىركۈنلەردە بۇنداق بولار دەپ.
ئۆزگۈرۈشلەر چوڭ بولۇپ كەتتى،
ھەممە نەفىس ئويلايدىغان نەپ.
سېغىندۇق بىز ئاشۇ كۈنلەرنى،
ھەقىقى بىر «ھايات» شۇ ئىكەن.
ئۆرتىنىشتە بۇ كۆزلەردە ياش،
دىللار ئارا سانچىلىپ تىكەن.
رەسۇلۇللاھ راست ئېيتقان ئەجەپ،
دۇنيا بىزنى ئۆزگەرتتى تۈپتىن.
بۇنچە تەقدىر بېرىلمەس ئىدى،
ئۆرنەك ئالغان بولساق "يۈسۈپتىن"
ئاھ! سېغىندۇق ئەجەپ سېغىندۇق،
ئاددى-ساددا سەمىمىي چاغنى.
ئېلىۋەتسەك ئۇشبۇ مۆرىدىن،
دۇنيا ئاتلىق شۇ ئېغىر تاغنى.
قېنى دوسلار ھەممە بىرلىكتە،
قول كۆتۈرۈپ تىلەيلى تىلەك.
ئۇلۇغ ئاللاھ شۇ كۈننى بىزگە،
قايتۇرغۇسى قايتىدىن بىلەك.
گۇناھلارغا تىلەپ مەغفىرەت،
سەمىيمى بىر تەۋبە قىلايلى.
دۇنيا ئۈچۈن بېرىلىپ بوشراق،
بۇ قوللارغا قۇرئان ئالايلى.
قايتۇرغۇسى بىزگە قايتىدىن،
ئۇلۇغ ئاللاھ ئاشۇ ئۆتمۈشنى.
ئۆگەتكۈسى بىزلەرگە ھەمدە،
دۇنيا تاشلاپ جەننەت كۈتۈشنى.
ئويلاپ قالدىم قېنى ئۆتمۈشلەر؟.
شۇ كۈنلەرنى سېغىنىش بىلەن،
دىلدا پىغان ھەمدە كۈتۈشلەر.
ئۆتەر ئىدى تۈمەن كېچىلەر،
يىغلاپ دائىم تىلەپ شاھادەت.
قاچان بىزگە «ئۈلۈم» كېلەر دەپ،
ئۈمۈد قىلىپ گۈزەل سائادەت.
بۈگۈن پاتتۇق دۇنيا لېيىغا،
كۈندە، كۈندە چۆكۈپ تىگىگە.
كەڭرى ئاچتى ئۇمۇ قۇچاقنى،
تاتىپ، شۇراپ بىزنى ئىچىگە.
ئويلىمغان ئۆتمۈشتە بۇنى،
بىركۈنلەردە بۇنداق بولار دەپ.
ئۆزگۈرۈشلەر چوڭ بولۇپ كەتتى،
ھەممە نەفىس ئويلايدىغان نەپ.
سېغىندۇق بىز ئاشۇ كۈنلەرنى،
ھەقىقى بىر «ھايات» شۇ ئىكەن.
ئۆرتىنىشتە بۇ كۆزلەردە ياش،
دىللار ئارا سانچىلىپ تىكەن.
رەسۇلۇللاھ راست ئېيتقان ئەجەپ،
دۇنيا بىزنى ئۆزگەرتتى تۈپتىن.
بۇنچە تەقدىر بېرىلمەس ئىدى،
ئۆرنەك ئالغان بولساق "يۈسۈپتىن"
ئاھ! سېغىندۇق ئەجەپ سېغىندۇق،
ئاددى-ساددا سەمىمىي چاغنى.
ئېلىۋەتسەك ئۇشبۇ مۆرىدىن،
دۇنيا ئاتلىق شۇ ئېغىر تاغنى.
قېنى دوسلار ھەممە بىرلىكتە،
قول كۆتۈرۈپ تىلەيلى تىلەك.
ئۇلۇغ ئاللاھ شۇ كۈننى بىزگە،
قايتۇرغۇسى قايتىدىن بىلەك.
گۇناھلارغا تىلەپ مەغفىرەت،
سەمىيمى بىر تەۋبە قىلايلى.
دۇنيا ئۈچۈن بېرىلىپ بوشراق،
بۇ قوللارغا قۇرئان ئالايلى.
قايتۇرغۇسى بىزگە قايتىدىن،
ئۇلۇغ ئاللاھ ئاشۇ ئۆتمۈشنى.
ئۆگەتكۈسى بىزلەرگە ھەمدە،
دۇنيا تاشلاپ جەننەت كۈتۈشنى.
👍20😢17❤5
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھ،
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، تايلاند تۈرمىسىدە قالغان بەش قېرىندىشىمىزنىڭ ئىككىسى تۈنۈگۈن، يەنى 21-چېسلا، دۆلەتلىك چوڭ تۈرمىدىن چىقىرىلىپ بانكوكتىكى IDC كۆچمەنلەر مەركىزىگە ئېلىپ بېرىلدى.

😢29😭21❤1